Uyghur主要词典
چوكا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سەي ۋە بەزى تاماقلارنى يېيىشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر جۈپ ئىنچىكە ياغاچ.
« چۆكۈچ » قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
« كويزا » خەنزۇچە: 筷子
بىر تال چوكىنى سۇندۇرماق ئاسان، بىر توپ چوكىنى سۇندۇرماق تەس. كويزا تۇتۇشنى بىلمەيدىغان سەي يېيەلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۈز، ئىنچىكە ياغاچ سايمان.
چوكا ياسىماق. چوكا ئالماق.
چالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىشتا ئىشلىتىدىغان ئىنچىكە ئۇزۇن تاياقچە.
ناغرا چوكىسى.
جىڭنىڭ ئۆلچەم توچكىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياغاچ ياكى تۆمۈر تاياقچىسى.
تارازا چوكىسى.