چىن Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەقىقىي، راست، توغرا؛ تولۇق:[مىسال:] قىز نىياز ئەپەندىمنىڭ گەپلىرىنى چىن ئىخلاسى بىلەن ئوقۇپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] پاك، ساپ، سەمىمىي.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەتئىي، چىڭ:[مىسال:] ئورۇنداشقا سېنىڭ قەرزىڭ، يۈرەكتە چىن قارارىم بار. ئىككى دۇنيا قىلاي خىزمەت، بولۇپ ساڭا چىن ۋاپادار.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەقىقىي ھالدا، راستى بىلەن، راست:[مىسال:] چىن ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ سەنئەت.