Uyghur主要词典
چىلاپ پىشۇرۇلغان يۇمران توخۇ
领域: ئۇيغۇر تائاملىرىچۈجە توخۇ بىر دانە، شېكەر 70 گرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، بەش خىل پۇراقلىق دورا ئارزاق، سېرىق ھاراق 105 گرام، جاڭيۇ 105 گرام، زەنجىۋىل بىر باش، كۈنجۈت يېغى 70 گرام.
1. ئۆلتۈرۈپ تازىلانغان توخۇنى كىچىك - كىچىك پارچىلاپ، جاڭيۇغا ئىككى سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. قازانغا ئۈچ كىلوگرام سۇ قۇيۇپ، توخۇنى سېلىپ ئۇنىڭغا سېرىق ھاراق، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، شېكەر سېلىپ ئوتتۇراھال ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ توخۇنى بىر نەچچە قېتىم ئۆرۈپ پىشۇرۇلىدۇ.
3. توخۇ پىشىپ رەڭگى ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە توخۇنى سۈزۈپ ئېلىپ شورپا بار قازانغا بەش خىل پۇراقلىق دورا - دەرمەكنى سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر خىل خۇش پۇراق چىققاندا توخۇنى يەنە قازاندىكى شورپىغا سېلىپ، ئۈستىدىن كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ 20 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. بۇ ۋاقتىدا بارلىق دورا - دەرمەكلەرنىڭ تەمى توخۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئۆتىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن تەخسىگە ئېلىپ ئۈستىگە شورپا سېپىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。