Uyghur主要词典
چىگىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى:
كېچەلەر ئەنجۇم فەلەكلەر دادىمە، رەۋشەن دېگىل،
كىم يۈز ئاچمىش قەسرى تاقى ئۆزرە ئول شەمئى چىگىل.
ناقىس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چىگىل.
ئۈچ تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى: بىرىنچىسى بارسغاننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى « قۇياس» شەھەرچىسىدە ياشايدىغان كۆچمەنلەر، ئىككىنچىسى، « _ تالاس» شەھىرىنىڭ يېنىدىكى بىر شەھەرچىدە ياشايدىغانلارمۇ «چىگىل» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ «چىگىل» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ مۇنداق ئىمىش: زۇلقەرنەين ئارغۇ ئېلىگە كەلگەندە، قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يوللار ماڭغۇسىز دەرىجىدە پاتقاق بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن زۇلقەرنەين پارس تىلىدا « _ نېمىدىگەن يامان پاتقاق» دەپ كايىپتۇ ۋە كېيىن ئۇ يەرگە بىر قورغان سالدۇرۇپتۇ، بۇ قورغان «چىگىل» دەپ ئاتىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ قورغاندا ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىسىمۇ، « چىگىلى» دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ نام كېيىنچە ئەتراپلاردا ياشىغان ۋە چىگىللەر بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئوغۇزلار چىگىل شەكلىگە كىرىۋالغان باشقا تۈرك قەبىلىلىرىنىمۇ « چىگىل» دەپ ئاتايدۇ. ئوغۇزلار يەنە جەيھۇندىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان يەرلەردە ياشىغۇچى تۈرك قابىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى « چىگىل» دەپ ئاتايدۇ. بۇ خاتا. ئۈچىنچىسى، قەشقەردىكى بىرمۇنچە يېزا - قىشلاقلاردا ياشايدىغان تۈرك قەبىلىلىرىمۇ «چىگىل» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارمۇ بىر يەردىن تارقالغان.
1 - 511
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ بىرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
قارلۇقلارغا تەۋە ئۈچ تۈرك قەبىلسىنىڭ نامى. ئۇلارنىڭ بىرى بارسىغاننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى قىياش شەھىرىدىكى ئەتراپىدىكى خەلقلەر، ئۈچىنچىسى قەشقەرنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىكى تۈرك قەبىلىلىرى، مەھمۇد كاشغەرى <دىۋان> دا، بۇلارنى بىر يەردىن تارقالغان چىگىل قەبىلىسى دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.