Uyghur主要词典
چىڭجىڭسى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى تۆت چوڭ مەسچىتنىڭ بىرى بولۇپ، «شېڭيۇسى مەسچىتى»، «ئەسھاب مەسچىتى»، «چىلىڭ مەسچىتى» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ مەسچىت گۇڭجۇدىكى خۇەيشېڭ مەسچىتى، ياڭجۇدىكى شەنخې مەسچىتى، خاڭجۇدىكى سۇمرۇغ مەسچىتى بىلەن بىر قاتار تۇرىدۇ. ئورنى فۇجەن چۇەنجۇدىكى تۇمېن كوچىسى (لىڭتۇڭجۇن كوچىسى) دا. مەسچىتتىكى ئەرەب يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن تاش ئابىدىگە قاراىغاندا، بۇ مەسچىت 1009 - 1010 - يىللىرى (ھىجرىيىنىڭ 400 - يىلى) سېلىنىپ، «ئەسھاب مەسچىتى» دېيىلگەن. 1310 -، 1311 - يىللىرى (ھىجىرىيە 710 - يىلى) شىرازىلىق ھاجى ئەھمەد بىننى مۇھەممەد تەرىپىدىن كېڭەيتىلگەن ۋە رېمونت قىلىنغان. مەسچىت ئىچىدىكى خەنزۇچە پۈتۈلگەن ئابىدىلەردىن قارىغاندا، بۇ مەسچىتنى 1131 - يىلى نەجىپ مۇسشىرىددىن سالدۇرغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە كۆپ قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. بۇ مەسچىت دەرۋازا بىناسى، خانىقا ۋە دانىشگاھدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تاركىب تاپقان بولۇپ، دەرۋازا بىناسى بىلەن خانىقا يېقىن سېلىنغان، دەرۋازا بىناسى شۇ يەردىن چىقىدىغان يېشىل چىپار گرانت تاش بىلەن قۇپۇرۇلغان. دەرۋازا بىناسىنىڭ ئۈستىگە مىئزەنە سېلىنغان. 1567 - يىلى رېمونت قىلغاندا مىئىزەنە ئۈستىگە بەش قەۋەتلىك مۇنار سېلىنغان. 1607 - يىلى يەر تەۋرىگەندە، بۇ مۇنار بىلەن خانىقانىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن. خانىقا ئىككى قەۋەتلىك سېلىنغان. خانىقانىڭ تېمى پۈتۈنلەي گرانت تاش بىلەن قوپۇرۇلغان. مېھرابقا سۈرە - ئايەتلەر ئويۇلغان. دانىشگاھ خانىقانىڭ شىمالىدا بولۇپ، 1609 - يىلى سېلىنغان. سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە بۇ ئىمارەت ئەرەب ئۇسلۇبىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر نەچچە قېتىملىق رېمومنت قىلىش ئارقىلىق ئىمارەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بۇ مەسچىت مەملىكەت بويىچە قوغدىلىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.