Uyghur主要词典
چىڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىداشلىق، ئۆزاققا تۆزىدىغان.
يەپ تۇر، بەك تۇر. ھەممىگە بېرىلمەي، بىرنى بەك تۇت. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان كىشى بىرەر ئىشنىمۇ پىششىق بىلمەيدۇ. ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما. مۇستەھكەن ئىرادە بولغاندا، ئۇلۇغ ھايات بولار. قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس. ئۇلى مەھكەم بولسا، ئۆيمۇ مەھكەم بولىدۇ. ئۆزى پۇختىنىڭ ئۆستىڭى يۇقىرىغا ئاقار. ئوننى چالا بىلگەندىن بىرنى پۇختا بىلگەن ياخشى. خيالىڭ يۈكسەك نىيەتلىك بولسۇن، ئىشىڭ پۇختا ۋە مەزمۇت بولسۇن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈزۈلۈشى ياكى ياسىلىشى جەھەتتىن چىداشلىق.
يۇمشاق، بوش ، نازۇك
تۈزۈلۈشى ۋە ياسىلىشى جەھەتتىن چىدامسىز.
باش تاشتىن چىڭ ئەمەس. يەپ تۇر، بەك تۇر. ئاغزى يۇمشاق گۆش يەپتۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت. قاتتىق چىش سۇنار، يۇمشاق تىل قالار. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قاتتىقتىن چىش ئاغرىسا، يۇمشاقتىن ئىچ ئاغرىيدۇ. موللام پۇلنى دوست تۇتماس، تۇتسا بوش تۇتماس. ئۈچ ئۆرۈمە ئارغامچا پىششىق بولار. قۇلۇپتىن ئاچقۇچ پۇختا. قوتىنىڭ مەھكەم بولسا، بۆرە كىرەلمەس. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن نازۇك.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
زىڭ، غۇڭ.
قۇلاقىم چىڭ ئەتتى _ قۇلىقىم زىڭ قىلدى، زىڭىلدىدى. قۇڭغۇراق، لېگەن - تاۋاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ چىقارغان ئاۋازىغىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. « قۇلاقىم چىڭ ئەتتى (بۇ كېيىنكى جۈملە يازما نۇسخىدا بۇ سۆزدىن كېيىنكى سۆزنىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان، مەنە ۋە تەلەپپۇز جەھەتتىن ئالدىنقىسىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق. بىزچە ئاپتور مۇشۇ سۆزدىن كېيىنكى 7 - سۆزگە بېرىلگەن مىسال يەنى « قۇلاقىم سىڭ ئەتتى» نى پاساھەتلىك دەپ كۆرسەتمەكچى بولسا كېرەك.) » دېيىلسە ئاۋۋالقىسىدىن پاساھەتلىكرەك بولىدۇ.
3 - 487
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چىڭ، لىق، لىقمۇ - لىق.
چىڭ تولۇ كۆل _ لىق تولغان كۆل، سۈيى لىقمۇ - لىق كۆل. ھەرقانداق بىر نەرسە ئاخىرقى چېكىگە قەدەرتولسىمۇ « چىڭ تولۇ» دېيىلىدۇ.
3 - 488
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بىر چىڭ 100 موغا تەڭ ئىدى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
توغرا؛ تولۇق؛ ھەقىقىي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. مۇستەھكەم، چىداملىق، پۇختا، پىششىق.
چىڭ رەخت.
سۈپ. ئىچى مەلۇم بىر نەرسە بىلەن لىق تولدۇرۇلغان؛ بوش ياكى كاۋاك ئەمەس، لىق.
ھارۋا چاقىنىڭ يېلى چىڭ.
ھەرقانداق چاغدا، قورساقنى چىڭ تويغۇزۇپلا جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس.
رەۋ. كۈچ بىلەن، مەھكەم، قاتتىق، بوشاشتۇرۇپ قويماي.
ئۇ خۇددى يىقىلىپ چۈشىدىغاندەكلا، ئالدىدىكى تۆمۈرنى چىڭ تۇتۇۋالدى.
رەۋ. يۇقىرى، قاتتىق، ئۈنلۈك (ئاۋاز ھەققىدە).
تاڭمۇ ئاتتى. كۈن چىقتى، قول كانىيىدىن ئۈن چىقتى. كانايچىنىڭ ئاۋازى، كۈندىكىدىن چىڭ چىقتى.
سۈپ. ياراملىق، قولىدىن ئىش كېلىدىغان.
ھەممىدىن چىڭ چىققىنى ئەنۋەر ئەپەندى بولدى.
سۈپ. قاتتىق، جىددىي.
بوۋاي يۈگۈرۈپ چىقسا، ئىش باشقىچە. شۇ يەردىن بوۋاي توقماققا چىڭراق بۇيرۇق بېرىپتۇ.
سۈپ. ئۆز ئىشىغا پۇختا؛ باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان، بېخىل؛ پىششىق.
ئۇنىڭ مۇنچىۋالا چىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەپتىمەن.
سۈپ. دەل، تازا، قاق؛ چىڭقى.
مەن بۇ يەرگە ئاش ۋاقتى بىلەن كەلگەن ئادەم تا چىڭ چۈشكىچە ئۇلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇردۇم.
سۈپ. ھالقىلىق، مۇھىم؛ يامان.
چىڭ يېرىگە چىقماق.
- ئىش چىڭ يېرىگە بېرىپ تاقىلىپ قالدى، ئەمدى بۇيرۇق قىلسىلا تەقسىر، مەن بېرىپ كۆرەي، - دېدى ئۇ.