Uyghur主要词典
چېچىن ئىتسا
دۇنيا تارىخى
مېكسىكىنىڭ قەدىمكى مايا مەدەنىيىتى خارابىلىرىدىن بىرى. ئورنى يۇكوتان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى مېرىدا شەھىرىنىڭ شەرقىغە تەخمىنەن 110 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، مايا كلاسسىك دۋرىنىڭ كېىنك يېرىمىدىن كېيىنكى كلاسسىك دەۋرىگىچە دىنىي مەركەز بولغان. خارابە جەنۇبتىن شىمالغا ئۈچ كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىگە تارقالغان بولۇپ، بىر نەچچە يۈز ئىمارەت بار، ھازىرغىچە 20 نەچچىسى رەتلەنگەن. جەنۇبىي تەرىپىدە <راھىب ۋە راھىبە قورۇسى>، <چېركاۋ> (ئىبادەتخانا)، <بۇغا ئۆيى>، <قىزىل ئۆي> قاتارلىقلار بولۇپ، كلاسسىك دەۋرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا ئائىتلىرى بىرقەدەر كۆپ. شىمالىي تەرىپىدە <جەڭچىلەر ئىبادەتخانىسى>، <مىڭ تۈۋرۈكلۈك ئىمارەت> ۋە مايا بىلەن تېئوتىئۇئاكان بىناكارلىقىنىڭ ئارتۇقچىلىقى قوبۇل قىلىنغان <ئېل كاستىرو> ئىبادەتخانىسى بار. ئۇنىڭ ساۇپا ئۇلىنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 55 مېتىر، ئېگىزلىكى 29 مېتىر بولۇپ، جەمئىي توققۇز قەۋەتكە بۆلۈنگەن، ھەربىر تەرىپىدە 90 پەلەمپەي بار. توپ مەيدانى ئادەتتىكى ئىمارەتلەر بىلەن ئوخشاشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنە 175 مېتىر، كەڭلىكى 74 مېتىر كېلىدۇ، شەرق ۋە غەرب تەرىپى ئېگىز ۋە كەڭ تام بىلەن توسۇلغان، جەنۇب ۋە شىمال تەرىپىدىن تاماشىبىنلار سۇپىسىغا ئوخشاش يالغۇز بىنالار بار. رەسەتخانا بىناسى ئېگىز ئىككى قەۋەت سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان يۇمىلاق شەكىلدىكى ئىمارەت بولۇپ، ئىچىدە بۇرما شەكىلدىكى ەلەمپەي يول ۋە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققىلى بولىدىغان ئايلانما كارىدور بار. كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئورنى مايا روھانىيلىرى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىدىغان ۋە ئۆلچەيدىغان ئورۇن بولۇپ، ھازىر قاتتىق ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.