Uyghur主要词典
چېچىلماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىزا _ ئاھانەتتىن ۋە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىدىن قاتتىق خاپا بولماق، قارشىلىق كۆرسەتمەك.
تېرىككەننىڭ جېنىنى ئال. چېچىلغان چېچىلىدۇ. كىچىككىنە ئىشلارغا بۇنچىۋالا مۆكۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئۇ ئاسان ئىزا بولىدۇ. بەڭگى جىلە بولسا، ناسىۋال يەيدۇ، مەسىت جىلە بولسا، دەسمال يەيدۇ. تۇرسۇن ئۇ گەپنى ئاڭلاپ چىچاڭشىپ كەتتى. مانا ئەمدى ئۇ توقۇمنى قارنىغا ئالدى، چاتاق بولدى. ئۇ تازا تېرىكتى، تۆت پۇتى ئۆرە قالدى. جاپپارنىڭ جىنى تۇتتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يىغىق، توپ نەرسىلەر ھەر يەر، ھەر يەرلەرگە بۆلۈنمەك، پارچىلانماق.
يىغىلماق، توپلانماق
چېچىلاڭغۇ، تارقاق نەرسىلەر بىر يەرگە جەم بولماق.
كادىرلار مەجلىسكە يىغىلدى، مەجلىستىن كېيىن تارقالدى. ھەممىمىز زالغا توپلاندۇق، دوكلات ئاڭلىدۇق. ئويناۋاتقان قارتىمىز چېچىلىپ كەتتى. چاچساڭ چېچىلىدۇ، يىغساڭ يىغىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<چاچماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ئابلەتنىڭ قوللىرى تىترەپ تۇرغانلىقتىن، قەغەزدىكى موخوركا ھەدەپ چېچىلىۋاتاتتى.
كۆچمە. خاپا بولماق، ئاچچىقلانماق، تېرىكمەك.
- ئۇنىڭغا شۇنچىۋالامۇ چېچىلغان بارمۇ، ئولتۇرۇپ قورساقلىرىنى توقلىۋالسىلا، - دېدى ئايالى.