Uyghur主要词典
چاڭ زىمېي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇددەرىس. خۇيزۇ، ئەسلىي يۇرتى سەمەرقەنت. رىۋايەت قىلىنىشىچە، تاغىسى بۇيرۇققا بىنائەن بېيجىڭغا يولۋاس ئېلىپ ماڭغاندا توققۇز يېشىدا تاغىسى بىلەن بىللە كېلىپ، شەنشىدە ئولتۇراقلىشىپ، خۇدىڭجۇنىڭ 4 - ئەۋلاد شاگىرتلىرىدىن <قۇرئان كەرىم> ئۆگەنگەن. كېيىن جىنەنگە بېرىپ، شۇ يەردىكى چاڭ جەمەتىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆزىگە چاڭ فامىلىسىنى قوللانغان. يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئاۋۋال جاڭنەندە ئولتۇراقلىشىپ، كاڭشى يىللىرى (1662 - 1722) چوڭ مۇددەرىس بولغان. گۇەنلۇڭدا ۋە چاڭجاڭنىڭ شىمالى، جەنۇبىدا ۋەز ئېيتقان. چاڭ زىمېي بىلىملىك بولۇپ، پارسچىنى پىششىق ئۆگەنگەن. دىنىي پەلسەپىنى تەتقىق قىلغان. ئەرەبچە، پارسچە كىتابلاردىن دەرس ئۆتكەن. ئۇنىڭ تەلىماتى كېيىنچە مەدرىسە تەربىيىسىدە <شەندۇڭ ئېقىمى> بولۇپ شەكىللەنگەن. ھاياتىدا لى يەنلىڭ بىلەن بىرلىكتە جىنىڭدا دەرس ئۆتكەن. تەكلىپ بىلەن لۇجۇغا بېرىپمۇ دەرس ئۆتكەن. شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنى <چاڭ ھەزرەت> دەپ ھۆرمەتلەيدۇ.