Uyghur主要词典
چاڭدان ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك چاڭدېنىنى تەندىن ئايرىلغان شارائىتتا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. يۇمران چاڭداننى ئۆستۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىچىك سپورىلار يېتىلىش جەريانىنى ئۆزگەرتىپ ئانىلىق گامېتوفىتنى ھاسىل قىلماي، تۆرەلمىسىمان تەنە ياكى جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلمىنى ھاسىل قىلىپ قايتا ئۆسۈپ، سپوروفىتلىق ئۆسۈملۈك تۈپىنى (گۈل چېڭى تۈپى) ھاسىل قىلىدۇ. گۈل چېڭى يەككە ھەسسىلىك تەن بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئۆسۈملۈك تۈپىمۇ يەككە ھەسسىلىك تەن بولىدۇ، ئۇنىڭ خروموسومىنى ھەسسىلەندۈرگەندىن كېيىن ساپ تەنلىك ئىككى ھەسسىلىك تەنگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا چاڭداننى ئۆستۈرۈش ساپلاشتۇرۇلغان لىنىيە تىكلەش ۋە يەككە ھەسسىلەنگەن تەنلىك سورت يېتىشتۈرۈش ۋاستىسىنى كېڭەيتىشتە پايدىلىنىش، سورت تۈرلىرىنى تاللاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كېيىنكى ئەۋلادنى تۇراقلاشتۇرۇش تېزلىكىنى ئاشۇرۇش، سورت يېتىشتۈرۈش مەزگىلىنى قىسقارتىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ھازىر 150 خىلدىن ئارتۇق يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكنىڭ چاڭدېنىنى ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. شال، بۇغداي، تاماكا،قىچا قاتارلىق زىرائەتلەردە بۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلىپ سورت يېتىشتۈرۈلدى. گۈل چېڭىنىڭ چاڭداننى ئۆستۈرۈش جەريانىدىكى يېتىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بەلگىلىك نەزەرىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. چاڭداننى ئۆستۈرۈش بەزىدە گۈل چېڭىنى ئۆستۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىراق ئېنىقراق ئېيتقاندا، گۈل چېڭىنى ئۆستۈرۈش ئەركىن ھالەتتىكى گۈل چېڭىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ چاڭداننى ئۆستۈرۈش بىلەن پەرقى بار.