Uyghur主要词典
چاقىرىق پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىراقتىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، 1957 - يىلى قۇرۇلدى. ئادەتتە ئايەتۇللا مۇشن ھەكىمنىڭ قوللىشى بىلەن 1968 -، 1969 - يىللىرى قۇرۇلدى، دەپ قارىلىدۇ. ئىراقتىكى ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي پارتىيىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لېكىن، رەھبەرلىرى ۋە كۆپ قىسىم ئەزالىرى شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بولۇپ، جەنۇبىي قىسىمدىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ئاساسىي پائالىيەت رايونى قىلدى. گۈللەندۈرۈش سوتسىيال پارتىيىسى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، 1974 - يىلىدىن 1977 - يىلىغىچە كۆپ قېتىم باستۇرۇلدى. 1980 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇئاۋىن زۇڭلى تارىق ئەزىزنى ئۆلتۈرۈشنى قەستىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. لېكىن، پائالىيىتىنى توختاتمىدى.