Uyghur主要词典
چاقىرىۋالغۇچىلار
دۇنيا تارىخى
روسىيە بولشۋىكلار پارتىيىسى قوشۇنىدىكى بگدانوۋ قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللىك قىلغان <سولچىل> ئاغمىچىلار گۇرۇھى. 1905 - 1907 - يىللىرى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئىنقىلابىي ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىش مەزگىلىدە كېلىپ چىققان بولۇپ، دۆلەت دۇماسىدىن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرىنى چاقىرىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. چاقىرىۋالغۇچىلار لېنىنغا قارشى بىر گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا قانۇنىي تەشكىلاتلاردا خىزمەت ئىشلەشنى رەت قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان. چاقىرىۋالغۇچىلار شەكلى ئۆزگەرگەن ئەمەلدىن قالدۇرغۇچىلار (لىكۋىدارتورلار) نىڭ ئۆزىدۇر. بۇ گۇرۇھ 1909-يىلى بولشېۋىكلار سېپىدىن تازىلاپ چىقىرىۋېتىلگەن.