Uyghur主要词典
چاي پۇلى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا قارىشىپ، ئىشلىشىپ بەرگىنى، كۈتكىنى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئازغىنا ھەق، پۇل.
«چاي پۇلى» كۆپىنچە سودا - سېتىقتا قوللىنىلىدۇ.
چەت ئەللەردە مېھمانخانا، تاماقخانىلاردا ئىشلەيدىغانلارغا تاپان ھەققى، چاي پۇلى بېرىش ئومۇمىي ئەھۋال ئىكەن. مانا سىزگە تاپان ھەققى، رەھمەت سىزگە، _ دېدى ھاشىم تۇردىغا، چاي پۇلى بەرمەمسەن، شۇ كۈنلەردە بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقامدۇ؟ _ دەپ قول ئۇزاتتى دائىم.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ئىشنى ئورۇنداپ بەرگەنلىك يۈزىسىدىن بېرىلىدىغان ھەق؛ تاپان ھەققى: - بىزگە ئازراق چاي پۇلى بېرىپ، يوللىرىغا ماڭسىلا غوجام، - دېدى باجگىر دۇكاندارغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىشنى ئورۇنداپ بەرگەنلىك يۈزىسىدىن بېرىلىدىغان ھەق؛ تاپان ھەققى.