Chinese→Uyghur主要词典
柴可夫斯基
ئىستېتىكا
chái kě fū sī jī
چايكوۋسكى (روسىيىلىك)Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
chái kě fū sī jī
چايكوۋنسكىي
دۇنيا تارىخى
چايكوۋىسكى
(1840 - 1893) روسىيە كومپوزىتورى. ئىنژېنېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1859 - يىلى قانۇن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1865 - يىلى پېتربۇرگ مۇزىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، موسكۋا مۇزىكا شۆيۈەنىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1877 - يىلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئايرىلىپ، مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. رېژىسسورلۇق سالاھىيەت بىلەن گېرمانىيە، چېخوسلوۋاكىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق مەملىكەتلەرگە بېرىپ ئويۇن قويغان ھەمدە ساياھەت قىلغان. ئۇنىڭ مۇزىكا ئەسەلىرىدىن نەيلىك - تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇنلىنىدىغان سىمفونىيە ۋە تېمىلىق مۇزىكا <مانفرېد>، فانتازىيە مۇزىكىسى <رومىئو - جۇلىيې>، <گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر>، <فرانچىسىكا، دا.رىمىنى>، <1812 - يىل مۇقەددىمىسى>، <ئىتالىيە ئىستىكى> قاتارلىقلار بار. <ئالتىنچى سىمفونىيە> (<ھەسرەت>) ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ئاخىرقى يىللاردىكى زىددىيەتلىك ۋە غەمكىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ يەنە <D ماژورلۇق ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن ئىسكىرىپكىدا ئورۇنلانغان مۇزىكا>، <d مىنورلۇق ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن پىئانىنودا ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكا> سى بار. ئون ئوپېراسى ئىچىدە <يېۋگېنى ئونىگىن> ۋە <قاغىنىڭ ماتكىسى> ھەممىدىن داڭلىق. ئۈچ بالېت <ئاققۇ كۆلى>، <ئۇخلاپ قالغان ساھىبجامال> ۋە <ياڭاق چاققۇچ> مۇزىكىنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىرىدىكى رولىنى ئۆستۈرۈپ، رۇسلار بالېتىنى يېڭىباسقۇچقا يەتكۈزگەن ھەمدە چەت ئەللەردە ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىدۇنيا بويىچە شۆھرەتكە ئىگە.