Chinese→Uyghur主要词典
柳馨运
دۇنيا تارىخى
ليۇ شىنيۇەن
(1622 - 1673) چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم ئەمەلىي بىلىم تەرەپدارلىرىنىڭ ئاساسچىسى. ئىسمى دېفۇ، لەقىمى پەنشى. 1654 - يىلى نەشرىپدار بولغاندىن كېيىن ئەمەلدارلىقتىن رايى قايتىپ، باشتىن - ئاخىر چۇەنلو ۋىلايىتى فوئەن ناھىيىسىدىكى پەنتوڭ كەپىسىدە بىلىم تەھسىل قىلغان. چەت ئەل كلاسسىك كىتابلىرىنى تەتقىق قىلغان ۋە رېئال جەمئىيەتتىكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە ئېتىبار بەرگەن. يىگىرمە ئالتە توملۇق <پەنشى خاتىرىلىرى>نى يېزىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئەمەلىي بىلىم تەرەپدارلىرى ئۈچۈن ئاساس تىكلىگەن. ئۇنىڭ يەنە <تەلەپپۇزنى توغرىلاش قوللانمىسى>، <يۇدېنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى>، <شەرق ئېلىنىڭ تارىخىدىن ماددىلار> قاتارلىق كىتابلىرى ئەمەلىي بىلىم تەرەپدارلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغار زور تەسىر كۆرسەتكەن. <پەنشى خاتىرىلىرى> ناملىق كىتاب 1770 - يىلى يىڭزونىڭ ئەمرى بىلەن نەشىر قىلىنغان.