Uyghur主要词典
بۇۋەيھىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(932 - 1055) پىرسىيىنىڭ شىمالىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 927 - يىلى كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايونىدىكى دەيلامىتېسلار كاتتىبېشى ئۆز ئالدىغا بولۇۋالغاندا، ئەبۇ شۇجال بۇۋەيھىيەنىڭ ئوغلى ئەلى كاراجنىڭ باش ۋالىلىقىغا تەيىنلەندى. ئەلى 932 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىدى ھەمدە ئىسفاھاننى بېسىۋالدى. لېكىن، مالداۋىجنىڭ بېسىمى بىلەن جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشقا مەجبۇر بولدى. مالداۋىجنى 933 - يىلى تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇۋەيھىيە جەمەتى دەيلامىتېسلارنىڭ باشلىقى بولۇپ قالدى. ئەلى 934 - يىلى شىرازىنى ئىشغال قىلىدى. بۇ يەرنى سۇلالىنىڭ ياپتەختى قىلىپ، فارسقا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئۇكىسى ھەسەن راينى ئىشغال قىلدى. ئۈچىنچى ئۇكىسى ئەھمەد 945 - يىلى باغداتقا بېرىپ باش ئەمىر بولدى. ئىككىنچى يىلى خەلىپە مۇستەقىفنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇتەييىنى يېڭى خەلىپە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇۋەيھىەلەر خالىغىنىچە خەلىپە تىكلەيدىغان دەۋر باشلاندى. ئەزدۇ دەۋلە (949 - يىلىدىن 983 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە بۇ سۇلالىنىڭ زېمىنى ئابباسىيلار سۇلالىسى گۈللەنگەن چاغدىكى زېمىن بىلەن تەڭلەشتى. ئۆتكەن پادىشاھلار مەدەنىيەت ۋە ئىلىمنى مۇكاپاتلاپ تۇردى، يېزا ئىگىلىكىنى ۋە سودىنى گۈللەندۈردى، جامائەت بىنالىرىنى ياساتتى؛ شىئە مەزھىپىنىڭ ھېيت - بايرام كۈنلىرىنى خاتىرىلەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇرۇن ئۆتكەن ئىككى خەلىپىنى ئورۇن تارتىۋالغۇچىلار، دەپ ئەيىبلەپ، ئىمام قەبرىگاھى سالدۇردى. بۇ چاغدا ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ ئەقىدىسى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرۇلدى. 983 - يىلىدىن كېيىن، تەخت تالىشىش كۈرىشى ئۈزۈلمىدى. سىرتتىن جازنىلار ۋە كوردلار قىسىپ ھۇجۇم قىلدى، نۇرغۇن زېمىن قولدىن كەتتى. ئاخىر سالجۇقىيلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.