Uyghur主要词典
بۇھېنۋالد جازا لاگېرى
دۇنيا تارىخى
فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدە قۇرغان ئاساسلىق جازا لاگېرلىرىدىن بىرى. 1934-يىلى ۋېيمار يېنىدىكى بۇھېنۋالد كەنتىدە قۇرۇلغان. بۇ يەرگە 1934-1945-يىللىرى زور تۈركۈمدىكى فاشىستلارغا قارشى جەڭچىلەر، يەھۇدىيلار ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرى قامالغان بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى يۈزمىڭغا يېتىدۇ. گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ داھىيسى تېلمانمۇ مۇشۇ يەردە ئېچىنىشلىق تۈردە ئۆلتۈرۈلگەن. نۇرغۇنلىغان سىگانلار تۇتۇپ كېلىنىپ <تۇز سۈيى بىلەن ھاياتلىقنى ساقلىغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقى> سىناق قىلىنغان. مەھبۇسلار ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تېرىسى سىلىۋېلىنىپ، ئۇنىڭدىن لامپا قالپىقى ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەنگەن، 1954-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى جازا لاگېرىدىكى فاشىستلارغا قارشى جەڭچىلەر دۈشمەن بىلەن باتۇرلارچە كۈرىشىپ 21 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققانىدى.