Uyghur主要词典
بۇتو
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىردىكى ۋىلايەت نامى. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالدىكى ۋىلايەتلەر بۇ يەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تۆۋەنكى مىسىر پادىشاھلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پادىشاھ قىزىل تاج كىيىپ، يىلان ئىلاھىنى ھامىي ئىلاھ، ھەسەل ھەرىسىنى بەلگە قىلغانىكەن، يەتتە پادىشاھنىڭ ئىسمى ساقلىنىپ قالغان. ئەڭ بالدۇرقى يېزىقى پاپىرۇس قەغىزىگە يېزىلغان ھەمدە يىلنامىنىمۇ قوللانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 3100 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى يۇقىرى مىسىر پادىشاھى مېنا تەرىپىدىن بويسۇندۇۇرلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىسىر دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن.