Uyghur主要词典
بۇتمىر خارابىسى
دۇنيا تارىخى
يۇگوسلاۋىيىدىكى يېڭى تاش قورال دەۋرى خارابىسى. يۇگوسلاۋىيىنىڭ سارايېۋو يېنىدىكى بۇتمىر دېگەن يەردە. ⅩⅨ ئەسىردىن باشلاپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇغداي، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلغان ھەمدە قوي، توڭگۇز قاتارلىقلارنى باققان. تۇرالغۇ خارابلىرىدە تاملارنىڭ قالدۇرقلىرى بار، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىدىن تاش بېشى، سىلىقلاپ ياسالغان تاش پالتا قاتارلىقلار بار. ساپالچىلىق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خارابىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىن نەپىس بۇيۇملار قېزىۋېلىنغان. قاچا شەكىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى چوگۇن، قەدەھ، شېشە، تەخسە قاتارلىقلارندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا قىزىل ۋە ئاق رەڭلەردە بۇرمىسىمان، يۇمىلاق، دولقۇنسىمان سىزىقلار سىزىلغان، يەنە يانتۇ سىزىقلاردىن ھاسىل قىلىنغان نەقىش ئىشلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ساپالدىن ياسالغان ئادەم ھەيكەللىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال ھەيكەللىرى. ئۇلارنىڭ باش قىسمىدىكى كۆز، بۇرۇن، ئېغىز، قاش ۋە چاچلار ئويما سىزىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. كۆكسى ئالاھىدە كۆپتۈرۈلگەن، بەدىنىنىڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىگە يىڭنە بىلەن تۆشۈكچە نەقىشلەر سىزىلغان. بەزىلىرىگە كۆڭلەككە ئوخشاپ كېتىدىغان كىيىملەر كيگۈزۈلگەن.