Uyghur主要词典
بۇرتون
دۇنيا تارىخى
(1821 - 1890) ئەنگلىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى، شەرقشۇناس. ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1842-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كېيىن ئەنگلىيە - ھىندىستان قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ھىندىستاننىڭ سىندتا تۇرۇپ، پارىس، ھىندى ۋە ئەرەب تىللىرىنى ئۆگىنىۋالغان. 1853-يىلى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنى ئايلىنىپ چىققان، مەككە، مەدىنىگە بېرىپ ھەج قىلغان. 1854-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۇمالىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. نىك دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى ئىزلەپ تېپىش ئۈچۈن ئېفىئوپىيىدىكى ھارارغا بارغان. 1856-يىلى سىپېك بىلەن يەنە ئافرىقىغا كېلىپ، زانزىبار ئارىلىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. 1858-يىلى 2-ئايدا تانگانىكا كۆلى رايونىغا يېتىپ كېلىپ، ئەڭ بۇرۇن بۇ كۆلگە يېتىپ بارغان ئىككى نەپەر ياۋروپالىقنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1861-يىلىدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە كونسۇل بولۇپ تۇرغان ھەمدە ئېكسپېدىتسىيە ۋە ساياھەت پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بىئافولا قولتۇقىنى چارلاپ چىققان، ئالتۇن قىرغاق، كامېرون ۋە داھۇمىيە (بېنىن) دا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 40 تومدىن كۆپرەك ئەسەر يازغان بولۇپ، ئاساسلىقى <ئېكۋاتور ئافرىقىسى كۆل رايونى> ناملىق ئەسىرى بار. ئۇ، يەنە 16 توملۇق ئەرەبچە <ئەلگلەيلى ۋەي لەيلى> نى <مىڭبىر كېچە> قىلىپ ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.