Uyghur主要词典
بۇرجەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ تۇتاشقان يېرى؛ نەرسىنىڭ بىر چېتى؛ چەت - ياق جاي.
تۆت بۇلۇڭ، بىر كۇلۇڭ. ھەر نەرسىنىڭ بۇرجىكى بار، سۆزنىڭ ئىلمىكى بار. تازىلىق ھەرىكىتىدە ھېچبىر پۇچقاقلار قالمسۇن. دۈشمەن بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا تۇرۇپ، بىزگە قارشى پىلان تۈزۈۋاتىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت تەرىپى تەڭ، بۇرجەكلىك شەكىل.
چاسا ئۇلجۇق يۇمىلاق مۇجۇققا چۈشمەس. كىچىككىنە تۆت بۇرجەك يەرگە ئۆي سالغىلى بولامدۇ؟_ دېدى تۇرسۇن خاتا ھالدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسىلەرنىڭ تەرەپلىرىنىڭ كېسىشكەن جايى؛ ئۈچ.
كارىۋاتنىڭ ئىككى تەرىپىگە بۇرجەكلىرى چوقچايتىپ چىقىرىلغان ئىككى ياستۇق تىزىلغانىدى.
ئۆي، بىنا ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تەرەپلىرى تۇتاشقان جايى؛ بۇلۇڭ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە ئارتۇقىنى قالدۇرۇپ ئون مىڭ تەڭگىنى ئۆينىڭ بۇرجەكلىرىگە كۆمۈپتۇ.
كوچىلارنىڭ، يوللارنىڭ بۇرۇلغان، قايرىلغان جايى؛ دوقمۇش.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېھقان كوچىنىڭ بۇرجىكىدىن ئىلدام ئايلىنىپ كېتىۋاتسا، بىر ھۇرۇن ئۇچراپتۇ.
چەت، يىراق جاي؛ بۇلۇڭ - پۇچقاق.
يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەربىر بۇرجەكلىرىدىن تەبرىك خەتلىرى ئەۋەتىلگەنىدى.