Uyghur主要词典
بۇرلار
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ياۋروپالىقلار (ئاساسلىقى گوللاندىيىلىكلەر) نىڭ ئەۋلادلىرى. بۇ گوللاندىيە تىلى بولۇپ، ئەركىن دېھقان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1652-يىلى گوللاندىيە كاپې مۇستەملىكە رايونىنى قۇرغان. 1656-يىلى گوللاندىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى كاپې مۇستەملىكە رايونى شىركىتىدىكى ياللانمىلارنىڭ ئۆز يېرىدە ئەركىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇشقا يول قويۇش يۈزىدىسىن تارقىتىپ بېرىلگەن <ئەركىن تىجارەت قىلىش گۇۋاھنامىسى> دا ئەڭ دەسلەپ <ئەركىن تىجارەت قىلىش گۇۋاھنامىسى> دا ئەڭ دەسلەپ <بۇر پۇقرالىرى> دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان، كېيىن ياۋروپالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئافرىقىلىقلار گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەممىسىلا ئافرىقا تىلى (شالغۇتلاشقان گوللاندىيە تىلى) دا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، بۇرلارمۇ ئافرىقىلىقلار دەپ ئاتالغان. دەسلەپكى بۇرلارنىڭ تولىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ۋە بۇرژۇئازلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلىرى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىدى. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەنگلىيە كاپې مۇستەمىلكە رايونىنى تارتىۋالغان، بۇرلار ئىچكى قۇرۇقلۇققا قاراپ يۆتكىلىپ، ناتال جۇمھۇرىيىتى، ئورىنچ مۇختارىيەت شتاتى ۋە ترانسىۋائال جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1899 - 1902 - يىللىرىدىكى ئەنگلىيە - بۇر ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇرلار ئەنگلىيىنىڭ بېقىندى پۇقراسىغا ئايلىنىپ قالغان، يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئاق تەنلىك ئىرقچى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن.