Uyghur主要词典
بۇرگۇندى
دۇنيا تارىخى
فرانسۇزچە غەربىي ياۋروپادىكى قەدىمىي رايونىنىڭ نامى. بۇ رايوننىڭ زېمىن تەۋەلىكى ۋە دائىرىسى كۆپ قېتىم ئۆزگەرگەن. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان بۇرگۇندىلار (لاتىنچە Burgundii دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان) سونې دەرياسى ۋە رونىي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ ۋادىلىرىنى ھەمدە شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى بېسىۋېلىپ، بۇرگۇندى پادىشاھلىقىنى قۇرغان، لېئونن پايتەخت قىلغان. Ⅵ ئەسىرگە كەلگەندە فرانكلار تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، فرانكى پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە چارلېس ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئىككى پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن. يەنى: (1) 879-يىلى قۇرۇلغان تۆۋەنكى بۇرگۇندى پادىشاھلىقى بولۇپ، ھېمىنى رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىندىن باشلىنىپ سونې دەرياسى ۋە رونىي دەرياسى ۋادىسىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان. (2) 888-يىلى قۇرۇلغان يۇقىرى بۇرگۇندى پادىشاھلىقى بولۇپ، زېىنى سۋوينىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچگە ئالغان. 1933-يىلى يۇقىرى ۋە تۆۋەنكى بۇرگۇندى پادىشاھلىقى قوشۇلۇپ ئارلېس پادىشاھلىقى بولۇپ قۇرۇلغان. يەنە بۇرگۇندى پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرگۇندى رايونىدا بۇرگۇندى بەگلىكى (فرانىس - كومتې دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە بۇرگۇندى كىنەزلىكى قۇرۇلغان.