Uyghur←Chinese主要词典
بۇرگۇندى خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
勃艮第朝
bó gèn dì cháo
پورتۇگالىيىدىكى فېئودال خاندانلىق (1139 - ياكى 4311- 1383). 1095 - يىلى لېۋىن بىلەن كاستىللا كورۇلى ئالفۇنسو Ⅵ بۇرگۇندى كىنەزنىڭ تۇغقىنى ھېنرىنى پورتوگالىيە گرافى قىلغان. 1139-يىلى ھېنىرىنىڭ ئوغلى ئالفۇنسۇ پادىشاھلىق تەختكە ئولتۇرۇپ، بۇرگۇندى خاندانلىقىنى قۇرغان. 1143-يىلى ئالفۇنسو Ⅶ ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۆتكەن پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق: ئالفۇنسۇ Ⅰ(1139 - 1185)، سانچو Ⅰ (؟ - 1211). ئالفونسو Ⅱ (1211 - 1223)، سانچو Ⅱ(1223 - 1248)، ئالفۇنسو Ⅲ (2481 -1279)، دىنىز (1279 - 1325)، ئالفۇنسو Ⅳ (1325 -1357)، پېدرو Ⅰ(1257 - 1367)، فېرناندو Ⅰ (1367 - 1383)، 1385-يىلى ئاۋىس خاندانلىقى باش كۆتۈرۈپ چىققان.