Uyghur←Chinese主要词典
بۇرگۈندى كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
勃艮第公国
bó gèn dì gōng guó
مىلادى Ⅸ ئەسىردە بۇرگۇندى پادىشاھلىقى (<بۇرگۇندى> غا قارالسۇن) نىڭ بىر قىسىم زېمىنىدا شەكىللەنگەن كىنەزلىك. فرانسىيە پادىشاھىغا بېقىندى بولغان. ⅩⅤ - ⅩⅥ ئەسىرلەردە ئەمەلىي جەھەتتىن مۇستەقىللىك ئورۇنغا ئېرىشكەن ھەمدە فرانسىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ئامالىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق قىلغان. كىنەز فىلىپ (چوڭ يۈرەك، 1364 - 1404-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىدىرلاند زېمىنىدىكى فوراندىس ۋە فرانىس - كومتې قاتارلىق جايلارنى بىرلەشتۈرگەن. كىنەز فىلىپ (ياخشى ئادەم، 1419 - 1467 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) يەنە نىدىرلاند زېمىنىدىكى نانۇ، ھوللاند، زېلاند، نامۇر، برابانت، لىمبۇرگ ھەمدە ليۇكسېمبۇرگلارنى قوشۇۋالغان. نىدىرلاند بارا - بارا بۇرگۇندى كېنەزلىكىنىڭ مەركىزىي رايونىغا ئايلىنىپ قالغان. فىلىپ (ياخشى ئادەم) 1463-يىلىدىن باشلاپ نىدىرلاند ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى چاقىرغان. كىنەز چارلېس (قورقماس يۈرەك، 1467 - 7714 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئالساس ۋە لوررىن قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىش قەستىدە بولغان. لېكىن 1477-يىلى فرانسىيە تەرەپ قوللىغان شۋېتسارىيە لوررىن بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى بۇرگۇندى كىنەزلىكىنىڭ زېمىنىنى فرانسىيە ئىشغال قىلغان. نىدىرلاند خابىسبۇرگ خاندانلىقىغا (1482-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان) تەۋە بولۇپ كەتكەن.