Uyghur主要词典
بۇلغىماق
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
پۇلاڭلاتماق، شىلتىماق. مەسىلەن: قولۇڭنى تولا بولغىماي گەپ قىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كىر، پاسكىنا قىلماق.
كىيىمىنى بۇلغىماق.
كۆچمە. داغ چۈشۈرمەك، قارا سۈركىمەك.
شەنىنى بۇلغىماق.
كۆچمە. تەركىبىگە پاسكىنا، ناپاك نەرسىنى ئارىلاشتۇرماق.
ھاۋانى بۇلغىماق. سۇنى بۇلغىماق.
باش ۋە قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئايلاندۇرۇپ بېشارەت بەرمەك؛ جاۋاب بەرمەك.
- ياق، ياق، - پروفېسسور قول بۇلغىمىدى.