Uyghur主要词典
بۇلاۋىن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
دون قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1707 - 1708 - يىللىرى روسىيە كازاك دېھقانلىرىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى فېئوداللىق زۇلۇمنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، مىڭلىغان جازا ئەترىتىنى دون رايونىغا ئەۋەتىپ، قاچقۇن دېھقانلارنى قوغلاپ تۇتۇپ، كازاكلارنىڭ يېزا - بازالىرىنى ئاياغ - ئاستى قىلىپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1707-يىلى 10 - ئايدا، كازاكلار ئاتامانى بۇلاۋىن (تەخمىنەن 1600 - 1708) ئىككى يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى توپلاپ، ئايدار دەرياسى بويىدىكى شۇلگىن بازىرىدا تۇرۇۋاتقان جازا ئەترىتىنى يوقىتىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.قوزغىلاڭ ناھايىتى تېزلا دون دەرياسنىڭ يۇقىرى ئېقىمى رايونىنى قاپلاپ كەتكەن. 1708-يىلى 5-ئايدا، دوننىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى مۇھىم بازار چېركاسكىنى ئىگىلىگەن. كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇن بىر نەچچە تارماققا بۆلۈنۈپ ۋولگا ۋادىسى ۋە ئازوۋ دېڭىزى بويلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىكشەن. 7-ئايدا بۇلاۋىن ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ ئازوۋغا ھۇجۇم قىلغاندا مەغلۇپ بولۇپ، چىركاسكىگە چېكىنگەن. يۈز ئۆرۈگەن كازاك يۇقىرى قاتلام باشچىلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى قوزغىلاڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغان.