Uyghur主要词典
بۇلبۇلغا باغ ياخشى كەكلىككە تاغ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ»بۇ، (1) قۇشلارنىڭ ياشاش، ماكانلىشىش ئالاھىلىدىكى ھەر خىل بولىدۇ. قۇشلار ئۆزىنىڭ ياشاپ كەلگەن ماكانىنى تاشلىمايدۇ، باشقا يەرگىمۇ كۆنمەيدۇ. (2) كۆچمە. ھەر قانداق كىشىگە ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرى، يۇرتى ياخشى كۆرۈنىدۇ، ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، كىشىنىڭ يۇرتىدا ياشاش مۇساپىرچىلىقنى كەلتۈرىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.