Chinese→Uyghur主要词典
布拉格四条款
دۇنيا تارىخى
پراگا تۆت ماددىسى
چېخوسلوۋاكىيىدىكى خۇس ھەرىكىتى مەزگىلىدە خۇسچىلارنىڭ 1420-يىل 6-ئايدا ماقۇللىغان كۈرەش پرواگراممىسى. پروگرامىنىڭ تىغ ئۇچى كاتولىك چېركاۋىغا قارىتىلغان بولۇپ، جەمئىي تۆت ماددىدىن ئىبارەت: دىن تارقىتىشتا تىل چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئۇنى ئەركىن تارقىتىش؛ مىسسا ۋاقتىدا دىندارلار مۇراسىم باشقۇرغۇچى پوپلارغا ئوخشاشلا مۇقەددەس تەن (پوشكال) ۋە مۇقەددەس قان (ھاراق) غا ئېغىز تېگىش (كاتولىك دىندار دىندارلار پەقەت مۇقەددەس تەنگىلا ئېغىز تېگەلەيدۇ، پوپلارلا ھەم مۇقەددەس تەن، ھەم مۇقەددەس قانغا ئىگە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن)؛ چېركاۋنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش؛ مەيلى دىندارلار ياكى مىسسىئونېر بولسۇن، ئادەم ئۆلتۈرۈش، شەھۋانىيلىق قاتارلىق ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسىلا بىرەك جازاغا تارتىلىش. پراگا تۆت ماددىسىنى خۇسچىلىق ھەرىكىتىدىكى ئىككى گۇرۇھ، يەنى مۇقەددەس جامچىلار بىلەن تابورچىلار ئورتاق قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭغا بولغان چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمىغان.