Chinese→Uyghur主要词典
布拉格六月起义
دۇنيا تارىخى
پراگا ئىيۇن قوزغىلىڭى
چېخ خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان قوزغىلىڭى. 1848-ىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى ۋە ۋېنا ماي قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرىدە پراگا ستۇدېنىتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ شەھەرگە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋسترىيە قوشۇنلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن بۇ تەلەپ رەت قىلىنغان. 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشچىلار، شەھەر ئاھالىسىنىڭ نامايىشى يەنە ئوققا تۇتۇلغان. نەتىجىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. فرىچ (2918 - 1890) قاتارلىق ئىنقىلابچىلار كۈرەشكە يېتەكچىلىك قىلغان. بىراق، لىبېرال بۇرژۇئازىيىنىڭ بۇزغۇچنىلىقى ھەمدە شەھەر - يېزا پرولېتارىياتىنىڭ ياردىمىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى تۈپەيلى قوزغىلاڭچىلار بۆلۈنۈپ كېتىپ، قوزغىلاڭ بەش كۈندىن كېيىن باستۇرۇلغان.