Uyghur主要词典
بىتەرەپچىلىك
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال مەزگىلىدە، كائۇتىسكىنى ئاساسلىق ۋەكىل قىلغان بىر خىل يوشۇرۇن ئاغمىچىلىق، ئىككى يۈلىمە ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزلىرىنى سولچىلار ئوتتۇرىسىدىكى <بىتەرەپ> لىك مەيداندا تۇرۇۋاتىمىز، دەپ ماختىنىپ، پارتىيىنىڭ <بىرلىكى> ۋە <تىنچلىق> نى ساقلاشنى تەلەپ قىلىشقان، ئەمەلىيەتتە بولسا سولچىلارنى ئىنقىلابىي پرىنسىپلاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئاغمىچىلارغا تەسلىم قىلىپ بەرمەكچى بولغان. <كائۇتىسكىزم> غا قارالسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇ دۆلىتىنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشنى؛ ھەرقانداق ھەربىي گۇرۇھقا قاتناشماسلىق، ئۆز زېمىنىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي بازىسىغا ئايلاندۇرماسلىق، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن دۈشمەنلەشمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان ۋە شۇنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر خىل دىپلوماتىك بەلگىلىمە؛ قارارنامە.