Uyghur主要词典
بىتەلەيگە سۇ كەلسە ئاللاكۇدىن يار كېتىپتۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، تەتۈر پېشانە، تەلەيسىز ئادەم بىرەر تاپاۋەت، ياخشىلىققا ئېرىشسە، كۈتۈلمىگەن بالا - قازا، ھادىسىگە يولۇقىدىغانلىقىنى، كاشىلىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - بىتەلەيگە سۇ كەلسە ئاللاكۇدىن يار كېتىپتۇ، دېگەندەك، لاداققا ئەمدىلا مال ماڭدۇرسام، ئۇ چاتاقنىڭ چىققانلىقىنى كۆرمەمدىغان! ماللىرىمىز يولدا كۆيۈپ كېتىدىغان بولدى، - دەپ نالە قىلىدى ئۇ.