Uyghur←Chinese主要词典
برىئان - كېلوگ ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
白里安一凯洛格公
bái lǐ ān yī kǎi luò gé gōng
<غەرىي ئۇرۇش ئەھدىنامىسى> ياكى <پارىژ ئەھدىنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1927-يىلى 21-ئايدا فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىرئان بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېلوگ (1856 - 1937) تەشەببۇس قىلغان. 8192-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى فرانسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق 14-دۆلەت پارىژدا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى: ئەھدىنامىگە قاتناشقۇچى دۆلەتلەر خەلقئارا دە - تالاشلارنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشنى ئەيىبلەيدۇ ھەمدە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۇرۇشنى ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشنىڭ قورالى قىلمايدۇ. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىش ياكى توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا پەقەت تىنچلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ھەل قىلىدۇ. لېكىن مەزكۇر ئەھدىنامە تۈزۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا - ئارقىدىن مېموراندۇم، بايانات ۋە ساقلاپ قالىدىغان شەرتلەرنى ئېلان قىلىپ، <قانۇنلۇق مۇداپىئەلىنىش ھوقۇقى> دېگەننى باھانە قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئەھۋالغا قاراپ <ئۇرۇشا مۇراجىئەت قىلىش> نى بەلگىلەش ياكى بەلگىلىمەسلىك ھوقۇقى بولىدۇ، دەپ جارا سالغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەھدىنامىگە قانتاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1929-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى مەزكۇر ئەھدىنامە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. 1934-يىلى 5-ئايغىچە بۇنىڭغا 63 دۆلەت ئىمزا قويغان. كېيىن مەزكۇر ئەھدىنامە كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنپ قالغان.