Uyghur←Chinese主要词典
برىئان
دۇنيا تارىخى
白里安
bái lǐ ān
(1862-1932) فىرانسىيە زۇڭلىسى (1909-1911، 1913،1915-1917، 1921-1922، 1925-1926، 1929). ئەسلىدە ئادۇۋكات ۋە ئاخباراتچى. دەسلەپكى يىللاردا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، سول قانات مەتبۇئاتلارغا ماقالە يازغان. 1889-،1893-،1898-يىللىرى ئۈچ قېتىم ئاۋام پالاتاسى ئەزالىقى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ يېڭىلگەن. 1901-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1902-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن ئاۋام پالاتاسىغا قاتناشقان. 1904-يىلى ژورېس بىلەن بىرلىكتە <ئىنسانپەرۋەرلىك> گېزىتىنى نەشىر قىلغان. كېيىنكى يىلى ھۆكۈمەت بىلەن مائارىپنى ئايرىۋېتىش قانۇن لاھىيىسىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. 1906-مائارىپ مىنىستىرى بولغانلىقى تۈپەيلى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم زۇڭلى بولغان، 26 قېتىم مىنىستىر بولغان. 1910-يىلى تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان. 1921-2192-يىللىرى ۋاشىنگتون دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىغا قاتناشقان. 1925-يىلى لوكارنو ئەھدىنامىسىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، گېرمانىيەگە قارىتا دوستلۇق فاڭجىنى قوللانغان. 1926-يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1928-يىلى <كېلوگبرىئان ئەھدىنامىسى>نى تۈزۈشكە قاتناشقان. 1930-يىلى ياۋروپا فېدېراتسىيىسى قۇرۇشنى ئاشكارا تەشۋىق قىلغان. زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە يېڭىلگەندىن كېيىن 1932-يىلى 1-ئايداپېنسىيىگە چىققان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولغان.