Uyghur主要词典
بىرىنچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى بالىنىڭ ئەڭ چوڭى، بىرىنچىسى؛ ھازىر ئومۇمەن ئەڭ دەسلەپكى، ئالدىنقى مەنىلىرىدە كېلىۋاتىدۇ.
تۇنجى، ئوتتۇرانجى، كەنجى.
يالغان سۆزلەش _ ئوغرىلىق قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. بىرىنچى قېتىم يىقىلىش ئىككىنچى قېتىمغا ساۋاق. تۇن ئوغۇل _ تۇنجى بالا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سان. بىرىنچى نومۇرلۇق.
بىرىنچى سىنىپ.
سۈپ. ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، ئەڭ ئالدىنقى.
ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى ماختىغان ئىككىنچى ئەخمەق (ماقال).
رەۋ. باشتىن كەچۈرۈلمىگەن، كۆرۈلمىگەن؛ ھاياتىدا ئەمدى بىرلا قېتىم يۈز بەرگەن، سادىر بولغان.
بۇ مېنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا بىرىنچى قېتىم دەرس ئۆتۈپ بېقىشىم ئىدى.
سۈپ. ھەممىدىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، ئەڭ ماھىر، ئىلغار، ئەلا، پېشقەدەم.
بۇ يىلقى مۇسابىقىمىزدە قوماندانىمىز ساۋۇت بىرىنچى.
سۈپ. ھەممىدىن زۆرۈر، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان، ئەڭ مۇھىم، ئاساسىي؛ باش.
بۇ يەردىكى بىرىنچى ۋەزىپەم دەم ئېلىش، ئاندىن قالسا ئۆگىنىش.