Uyghur主要词典
بېركېلېي
دۇنيا تارىخى
(1685 - 1753) ئەنگلىيە ئىدېئالىزمچى پەيلاسوپى، دىن تارقاتقۇچى. باش ۋاقتىدا دوبلىن بىرىنچى مارت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ، كېيىن يەنە مۇشۇ مەكتەپتە تەتقىقاتچى بولغان. 1734-يىلى ئىرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كلويندىن رايونىغا ئېپىسكوپ بولغان. ھوببېس، سپىنوزا قاتارلىقلارنىڭ ماتېرىيالىستىك ئاتېئىزم پەلسەپە ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، ئىدېئالىزمنى تەرغىپ قىلغان. <مۋجۇدىيەت - سەزمەك> دېگەن سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەقىقىي مەۋجۇدىيەت مەن ۋە مېنىڭ تۇيغۇم، سىرتقى دۇنيادىكى شەيئىلەر <تۇيغۇلار يىغىندىسى> دىنلا ئىبارەت. دەپ ھېسابلىغان، لېكىن يەنە كۈللى شەيئى خۇدانىڭ قەلبىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دېگەن. ئۇنىڭ پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەرىنىڭ ھازىرغىچە تەسىرى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <كۆرۈش تۇيغۇسى توغرىسىدىكى يېڭى مۇھاكىمە>، <ئىنسانلارنىڭ بىلىش پرىنسىپلىرى>، <بېركېلېې پەلسەپە دېئالوگلىرىدىن ئۈچ قىسىم> قاتارلىقلار بار.