Uyghur主要词典
بېرلىن رىم توكيو ئوق مەركىزى
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى ئىتتىپاقى. گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق فاشىست دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى گۇرۇھى. 2936-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە بېرلىندا كېلىشىم ئىمزالاپ <بېرلىن - رىم ئوق >بېرلىن - رىم ئوق مەركىزى< نى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە بېرلىندا >كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىم< ئىمزالىغان، 1937-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىتالىيە >كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىم< گە قاتناشقان. شۇنداق قىلىپ ئۈچ دۆلەت رەسمىي تاجاۋۇزچى ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان. تارىختا >بېرلىن - رىم - توكيو ئوق مەركىزى< دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈچ دۆلەت يەنە بېرلىندا ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالاپ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ھەربىي ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان.