Uyghur主要词典
براخمان دىنى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاننىڭ دىنى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە، چىندى - ئارىيانلار دۆلىتى شەكىللىنىش جەريانىدا پەيدا بولغان. براخمان كاھىنلار سىنىپى ھىندى - ئارىيانلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى رەتلەپ، ئۇنى <ۋېدا> نى ئۆزىنىڭ كالامى قىلغان بىر دىنىي سىستېمىغا ئايلاندۇرغان. بۇ دىندا ئەڭ ئالىي ئىلاھ - براخما (دۇنيانىڭ روھى) بولۇپ، يەنە ۋىسنا ۋە سىۋا دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى باش ئىلاھa بار، بۇ ئۈچەيلەن ئالەمنىڭ يارىتىلىشى، ساقلىنىشى ۋە يوقىلىشىغا ۋەكىللىك قىلغان. ئۇ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ سەۋەب - نەتىجىسى بولىدۇ، ئادەم قايتا تۇغۇلىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئىلاھلار ئۈچۈن نەزىر - چىراغ قىلىشقا چاقىرغان. براخمان كاھىنلىرى <ۋېدا>نىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئالىي نوپۇزغا ئىگە، ئۇلارنىڭ ئىمتىيازلىق ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ دىندا يەنە ھەرقايسى تائىپىلەرنىڭ رىئايە قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان ھەرىكەت قائىدلىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئەڭ ئالىي غايىۋى مەنزىل <بۇددا بىلەن ئۆزىنىڭ بىردەكلىكى> گە يېتىپ، ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ تەرغىپ قىلغان. براخمان دىنى تەبىقىگە ئايرىش ناھايىتى قاتتىق بولغان تائىپە (ۋارنا) تۈزۈمىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغداپ، براخمانلار تائىپىسىنى ئىلاھ (براخما) نىڭ ئاغزىدىن تۇغۇلغان، باشقا ئۈچ تائىپىنى (يەنى كىشاترىيە، ۋايسىيە، سودرا تائىپىلىرىنى) ئىلاھ ئۆزىنىڭ بىلىكى، يوتىسى ۋە پۇتىدىن ياراتقان دەيدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە بۇددا دىنى، جىنا دىنى گۈللىنىپ ۋە كەڭ تارقىلىپ، براخمان دىنىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە تەھدىت سالغان ھەمدە ئۇنى بىر مەھەل ئاجىزلاشتۇرغان. مىلادى Ⅷ - Ⅸ ئەسىرلەردە سانكارا قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھ قىلىشى ئارقىلىق، بۇددا دىنى ۋە جىنا دىنىنىڭ بەزى ئەقىدىلىرىنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن ھىندى دىنى دەپ ئاتالغان.