Uyghur主要词典
براخمان
دۇنيا تارىخى
سانسكرىتچە Brahmana نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، مەنىسى <ساپ ئادەم>. قەدىمكى ھىندىستاننىڭ كاھىنلار تەبىقىسى. ئۆزىنى <بۇددانىڭ ئاغزىدىن تۇغۇلغان> دەپ ئاتىۋالغان، تۆت تائىپە (ۋارنا) نىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. كاھىنلىق چوڭ ھوقۇقىنى ئەۋلادىمۇ ئەۋلاد ئىگىلەپ، بىلىمنى مونوپول قىلىپ، ۋېدا كالامىنى قىرائەت قىلىش ۋە دىن (براخمان سىياسىي جەھەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان. <منۇ قانۇنى> دا براخمانلار <ۋېدانى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۆگىنىدۇ، ئۆز ۋە باشقىلار ئۈچۈن نەزىر - چىراغ قىلىدۇ ھەمدە ۋەز - نەسىھەت قىلىدۇ، خەير - ساخاۋەت قىلىنغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ> دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلار جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ھارام تاماقلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، براخمانلار تائىپىسى ئىچىدە تۇرمۇشنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلىدىن تۆۋەن تائىپىدىكلەرنىڭ كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ براخمانلىق سالاھىيىتى ئۆزگەرمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگودا شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن كېيىن ھىندىستاننى <براخمان> دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ مەنىسى <براخمانلار دۆلىتى> دېگەنلىك بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سانسىكرىتچە
دىن
براخما دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى.
ھىندىستاندىكى براخما دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەڭ يۇقىرى بىر تەبىقە.