Uyghur主要词典
بوئىسچۇلبېرت
دۇنيا تارىخى
(1646 - 1714) فرانسىيە ئىقتىسادشۇناسى. يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بىلەن قارىغۇچىلارنىڭ پېشۋاسى. 1689-يىلىدىن باشلاپ روۇئېننىڭ يەرلىك ئەمەلدارى بولۇپ، ئۆزىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاقلىغۇچىسى دەپ ئاتىغان. لۇئى ⅩⅣ نىڭ ئۇرۇشخۇمارلىقىدىن يېزىلارنىڭ ۋەيران بولۇپ، باج - سېلىقلارنىڭ ئېغرلاپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، مالىيە باش نازارەتچىسى شامىلارغا قارىتا كەسكىن پىكىر بەرگەن، 1707-يىلى بىر مەزگىل سۈرگۈن قىلىنغان. سودىغا ئەھمىيەت بېرىش نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، يېزا ئاھالىسى دۆلەت بايلىقى ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاساسى، دەپ ھېسابلىغان، يەنە ئەمگەك ۋاقتىنى تاۋار باھا ئۆلچىمىنىڭ مىزانى دەپ قارىغان، لېكىن يەنە تاۋار ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەقسەت ئىستېمال قىممىتى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت؛ پۇل - ئايرىۋاشلاشتىكى تەڭ قىممەتلىكىنى بۇزۇپ، باراۋەرسىزلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى دەپ قارىغان. ئۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا قوغداش سىياسىتىن يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان، ماركس، كلاسسىك سىياسىي - ئىقتىساد فرانسىيىدە بوئىسچۇلبېرتتىن باشلانغان، دەپ قارىغان؛ ئۇنىڭ <فرانسىيىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى>، <ئاشلىق توغرىسىدا>، <بايلىق، پۇل ۋە باجنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.