Uyghur主要词典
بەييۇمىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىردىكى تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي بولۇپ، بۇ پىرقىنى ئەلى بەييۇمى (1696 - 1769) ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى پۇرتى بەييۇمىدا قۇرغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بەييۇمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىنىڭ ئوغلى ھەسەننىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كىچىكىدىن ئىسلام دىنى تەربىيىسى ئالغان. <ھەدىس> ۋە <>قۇرئان كەرىم< تەپسىرلىرى> نى پىششىق ئوقۇغان، شەرىئەتنى پۇختا ئىگىلىگەن. <ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇش> نى، دىلنى پاكلاشتۇرۇشنى، ئاددىي - ساددا ياشاپ، پانىي ئالەمنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن يىراق بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. خەلۋەتىيە، بەدەۋىيە، نەقشبەندىيە قاتارلىق پىرقىلەرگە قاتناشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەدەۋىيە ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ھەمىشە بەدەۋىچە كىيىم كىيىپ يۈرگەن (ئۇچىسىغا ئاق كۆڭلەك، بېشىغا ئاق دەلپەك كىيىپ، قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن قىزىل سەللە ئورىۋالغان). بەييۇمى دەسلەپكى چاغلاردا يۇرتىدا ۋەز ئېيتىپ تەبلىغ قىلغان. ئۇنىڭ تەلىماتى بۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، مۇستەقىل بەييۇمىيە پىرقىسى تەدرىجىي قۇرۇلغان. ئۇ قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتكەن. <بەييۇمىيە قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللانمىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. زاھىر مەسچىتىنى دىنىي تەبلىغات مەركىزى قىلىپ، شاگىرت تەربىيىلىگەن. شاگىرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن قاتلامدىكى مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ پىرقە ئەقىدە جەھەتتە <ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇش> نى ۋە ئۈنلۈك زىكر سېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار <ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇغان> لىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەسچىت يولىدا <لائىلاھە ئىللەللاھۇ>، <ئاللاھۇ ئەكبەر> دەپ توۋلاپ ماڭىدۇ. دىنىي ئىستىقامەت جەھەتتە جۈمە كۈنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغاندىن باشقا، پىنھان جايدا تەنھا ئىستىقامەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكىچە زىكر سالىدۇ. ئۆكتىچىلەر ئۇلارنى <تەلۋىلەر> دەيدۇ. بەييۇمى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، قاھىرەنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ قەبرىسى بار جايغا مەسچىت سېلىنىپ، بۇ پىركىت مەركىزىي مەسچىتى قىلىندى. بەييۇمىيە پىرقىسى ئەقىدە ۋە ئىستىقامەت ئۇسۇلىدا بەدەۋىيە پىرقىسىگە يېقىن بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا بەدەۋىيە پىرقىسىنىڭ تارمىقى دەپ قارىلىدۇ.