Uyghur主要词典
بولمىسا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<بولماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ Ⅲ شەخس بولۇشسىز شەرت رايى.
بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى بولار (ماقال).
بۇ ئىش بۈگۈن بولمىسا ئەتە بولار.
قارىمۇقارشى باغلىغۇچى <ياكى>، <ئەگەر ئاشۇنداق قىلىنمىسا> مەنىلىرىدە كېلىدۇ.
- مەززىسىنى قورساققا چۈشكەندە بىلىسەن، بولمىسا، ئەكەلگىنە قوۋۇرغاڭنىڭ قالغىنىنى مەن يەۋېتەي، - دەپتۇ تۈلكە.
ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە، ئۇ ھالدا.
- شۇنداق، بولمىسا نېمە چارە بار؟ - دېدى ئەختەم سۇلايمانغا.