Uyghur主要词典
بولەند دەرۋازا جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى مەسچىت بولۇپ، شىمالىي شتاتتىكى ئاگرا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇپ ئەتراپىدىكى فاتافۇر سىكرىدە بولغاچقا، «سىكرى مەسچىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. موغۇل ئىمپېراتورى ئەكبەر پايتەختى ئاگرانىڭ چېتىگە ئوردىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ، مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتىگە ئوخشىتىپ سالدۇرغان. ھويلا تىك تۆت بولۇڭ بولۇپ، شەرق، جەنۇب، شىمالدا ئۈچ ئىشىك بار؛ ئۈچ گەمبەز سېلىنغان، ئوتتۇرىسىدىكى گۈمبەز ئەڭ چوڭ. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيا سالىم چېشتى شەيخ (ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكەن) نىڭ مەقبەرىسى بار. مەسچىتكە تۈۋرۈكلۈك كارىدور ۋە ناماز زالى سېلىنغان. مەسچىتنىڭ سىرتقى شەكلى ئەرەب شەكلىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تاش تۈۋرۈك، زال قاتارلىق قىسىملىرىدا ھىندى بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرى قالغان. مەسچىتنىڭ جەنۇبىي ئىشىكى كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدۇ. بۇ ئىشىكنى ئەكبەر جەنۇبىي ھىندىستاندىكى دېككان رايونىنى بويسۇندۇرۇپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شۇ غەلىبىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سالدۇرغان، تەخمىنەن 1601 - يىلى پۈتكۈزۈلگەن. بۇ دەرۋازا «بولەند دەرۋازىسى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ئېگىزلىكى 12.8 مېتىر كېلىدىغان دۆڭگە سېلىنغان، دەرۋازىنىڭ ئېگىزلىكى 40.8 مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 53.6 مېتىر كېلىدۇ. مەسچىت ئالدىدىكى ئەگمە دەرۋازا ئۇزۇنچاق چاسا تامغا ئورنىتىلغان. ئوتتۇرىغا ئالتە بۇرجەكلىك ئۆگزىسى ئەگمە زال سېلىنغان. قالغان بەش تەرىپى ئىككى قەۋەتلىك كىچىك دەرۋازا بولۇپ، ئوتتۇرىسىنى كارىدور تۈۋرۈكلىرى ئايرىپ تۇرىدۇ. ئېگىز دەرۋازىنىڭ ئۈستى تۈز سۇپا بولۇپ، ئالتە بۇلۇڭدا بىردىن ئۈستى ئەگمە قىلىپ سېلىنغان كىچىك سايىۋەن بار، كىچىك سايىۋەنلەر سېلىنغان. ئالتە بۇلۇڭنىڭ ھەربىرىدە بىر تالدىن سەككىز قىرلىق تۈۋرۈك بار. ئېگىز دەرۋازا پۈتۈنلەي قىزىل شېغىل تاختا بىلەن سېلىنغان، شېغىل تاختا بىلەن سېلىنغان، شېغىل تاختا ئارىسىغا ئاق مەرمەر تاشتىن نەقىش ئىشلەنگەن.