Uyghur←Chinese主要词典
بوكاسو
دۇنيا تارىخى
薄伽丘
báo gā qiū
(1313 - 1375) ئىتالىيە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى يازغۇچى. گۇمانىست، پارىژدا تۇغۇلغان. ئاتىسى فلورېنسىيىلىك سودىگەر.1330-يىلى ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نېئاپولغا قانۇن ئۆگىنىشكە بارغان. نېئاپول كورۇلى روبېرت (ئاتژۇلۇق)1309 - 1343-يىللار تەختتە ئولتۇرغان( ۋە بەزى ئوردا شائىرلىرى بىلەن يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. بۇ ئارىلىقتا پادىشاھنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان قىزى مارىيە بىلەن مۇھەببەت باغلىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزگەرتكەن ئىسمى فيامىدا ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنىپ، دانتې بىلەن پېتېرلاقنىڭ ئەسەرلىرىدىكى بىياتېلىس ۋە لاۋراغا ئوخشاپ كەتكەن. تەخمىنەن 1340-يىلى نېئاپولدىن فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىگە قايتىپ كېلىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى پائال ھىمايە قىلغان ھەمدە كۆپ قېتىم مۇھىم دىپلوماتىيە ۋەزىپىلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن <فروكلو> ناملىق پوۋېستى بار. يۈز پارچە ھېكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <ئون كۈنلۈك سۆھبەت> ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا كاتولىك مىسسىئونېرلىرىنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشى ئۆتكۈر مەسخىرە قىلىنغان، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ رەھىمسىزلىكى ئەيىبلەنگەن، گۇمانىزملىق دۇنيا قارشى تەرغىپ قىلنغان. لېكىن بەزى ۋەقەلىكلەر چاكىنا بولغان.