Uyghur←Chinese主要词典
بوكاگې
دۇنيا تارىخى
博卡热
bó kǎ rè
(1765 - 1805). پورتۇگالىيىلىك شائىر. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدا ئارمىيىگە قاتنىشىپ، 16 يېشىدا دېڭىز ئارمىيە شۆيۈەنىدە ئوقۇغان چېغىدىلا شېئىرىيەتنى قىزغىن سۆيگەن. 1786-يىلى ھىندىستانغا ئەۋەتىلىپ، كاپىتان بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاۋمىنغا قېچىپ كەتكەن. 1790-يىلى لىسسابونغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن <يېڭى ئاركادىيە> ئەدەبىيات تەشكىلاتىغا كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىلگەن. كېيىن ئۇ فرانسىيە ئىنقىلابىنى قوللىغانلىقتىن، 1797-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلىك ۋە ئاتېئىزمنى تەشۋىق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە سولانغان. دىنىي ھوقۇقچىلىق ۋە مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى شېئىرلاردىن <قورقۇنچلۇق مەڭگۈلۈك خام خىيال>، <ئۆچ ئېلىشنىڭ ئازابى> نى يازغان. ھايات ۋاقتىدا ئۈچ توملۇق <شېئىرلار توپلىمى> نەشر قىلىنغان.