Uyghur主要词典
بى جياچاڭ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى خۇفىيە سۈلۈكىنىڭ تارمىقى بولۇپ، بۇ سۈلۈكنىڭ گۈمبىزى گەنسۇ لىنشا شەھىرىنىڭ غەرىبىدىكى بى جياچاڭدا بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ سۈلۈكنى مازۇڭشىڭ (1639 - 1719) قۇرغان. مازۇڭشىڭ كىچىكىدە شىئەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىخاڭ مەسچىتىدە ئەرەبچە ئوقۇغان. ياش ۋاقتىدا ئاخۇنلۇققا تەكلىپ قىلىنىپ، كېيىن ئاشۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى قىلىنغان. لىنشاغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، بافاڭ بيېسى مەسچىتىدە مۇددەرس ئاخۇن بولغان. كاڭشىنىڭ 13 - يىلى (1674) شىنجاڭغا بېرىپ شۇ يەردە دىننى تەرغىب قىلىۋاتقان شىنجاڭدىكى ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئاپاق خوجىنى زىيارەت قىلغان، ئۇنىڭدىن خۇفىيە ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغان. لىنشاغا قايتقاندىن كېيىن، ئاپاق خوجىدىن ئۆگەنگەنلىرىنى تەرغىب قىلغان. ئاۋۋال شەرىئەتنىڭ بەش پەرزىنى، ئاندىن تەرىقەتنى ئادا قىلىشنى، ئاللارغا، پەيغەمبەرگە، دۆلەت قانۇنىغا بويسۇنۇشنى، تەرىقەتلەر ئارا بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئادەم تالاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان ئىماملىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالغان. دىنىي تۇرمۇش قەدىمىيلەرنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، لېكىن گۈمبەزگە تايىنىدۇ، زىكر سالىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ ئادەملىرى ئاساسلىقى گەنسۇدىكى لىنشا، خېجېن، لىڭتىيەن ۋە سىچۈەندىكى سۇڭفەن، نىڭشادىكى شىجى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.