Uyghur主要词典
بىچارە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چارىسىز، تەدبىرسىز، ئىلاجسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چارە - ئامالى يوق، ھالى - كۈنى ناچار.
تىرىك بىچارىدىن ئۆلۈك باتۇر ئارتۇق. بىچارە ھاياتتىن مەزمۇنلۇق ئۆلۈم ئەلا. بايقۇشنىڭ بويىندىن يىپ كەتمەيدۇ. ياۋاش يولدا قالىدۇ. مۆمىن ئاش تاپسا، قوشۇق تاپالمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياۋاش - يۇمشاق، چارە - ئامالسىز، كۈچ - قۇۋۋەتسىز.
ئۆكتەم ، مۇتىھەم، بىشەم
زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىغان، يولسىز.
قەھرىتان سوغوقتا قاۋانمۇ مۆمىن. ئۆمەر بېگىم ئوڭدا يېتىپ پولۇ يېدى، مامۇت مۆمىن بوغداي تېرىپ دۇمبا يېدى. بايقۇشنىڭ بارىدىغان يېرى يوق، قورسىقى يېرىم ئاچ، يېرىم توق. ئۆكتەم يولداش بەش كۈنلۈك، بىشەم خوتۇن بىر كۈنلۈك. مۇتىھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
چارىسىز، ئامالسىز، ئىلاجسىز.
دادىسىنىڭ مۇبارەك يۈزىنى كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان بىچارە ئوغۇل راست غېرىب بولۇپ قالدى.
ماددىي ئەھۋالى ئېغىر، موھتاجلىقتا، قىيىنچىلىقتا كۈن كەچۈرىدىغان، كەمبەغەل.
بىراق، ئۇ ناھايىتى كەمبەغەل ئىكەن، كەمبەغەل بولغاندىمۇ ھېچ نەرسىسى يوق بىچارە ئىكەن.
<بەختسىز>، <بىتەلەي> دېگەن مەنىدە، ئايانچ ۋە ئېچىنىشنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاي بىچارە.
يامان بوپتۇغۇ، بۇ بىچارە ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا بويىلىپتۇ.