Uyghur主要词典
بېغىش پۇتلۇق ھايۋانلار
بىئولوگىيە
ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بىر تىپ ياكى مولليۇسكسىمانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. ئۇلارنىڭ ئىككى پارچە قاسىرىقى قورساق - دۈمبە ئىككى تەرىپىنى يېپىپ تۇرىدۇ، دۈمبە تەرەپتىكىسى سەل تۈزرەك، قورساق تەرەپتىكىسى چوڭ ھەم سەل تومپايغان، سىرتقى غىلاپ پەردىسى قاسىرىقىنىڭ ئىچكى يۈزىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ گۆشلۈك ساپىقى بولۇپ، باشقا جىسىملارغا چاپلىشىش ياكى لاي قۇملارغا پاتۇرۇپ تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، قاسىرىقىنىڭ ئىچىگە يۇمشاق بەدىنى جايلاشقان، ئوڭ - سول سىممېترىك، بوغۇملانغان، سېزىش بارماقچىلىرى تاجى سىپىرال شەكىللىك بولۇپ ئاساسىي تېنىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان، ئېغىز سېزىش بارماقچىلىرى تاجىنىڭ تۈۋىگە جايلاشقان، ھەزىم قىلىش يولى <U> شەكىللىك، ئانۇسى بولىدۇ ياكى بەزى تۈرلىرىدە بولمايدۇ. بەدەن بوشلۇقى تەرەققىي قىلغان، كېيىنكى بۆرەك نەيچىسى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېڭىزلاردا ياشايدۇ. يەككە ياشايدىغانلىرى تاتلىق سۇلاردا مۇقىملىشىپ ياشايدۇ. بېغىش پۇتلۇق ھايۋانلار ئىنتايىن قەدىمىي ھايۋان بولۇپ، كېمبرى دەۋرىدىل پەيدا بولغان، گېئولوگىك دەۋرگە كەلگەندىلا تۈرلىرى ناھايىتى كۆپىيىشكە باشلاپ ئاخىرقى پالېئوزوي ئېراسىدا تازا ئەۋج ئالغان. مېزوزوي ئېراسىدىن باشلاپ چېكىنىشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ ھەرقايسى گېئولوگىك دەۋرلەدە تارقالغان تۈرلىرىنىڭ ھەرقايسىسى ئوخشاشمايدىغان بولغاچقا يەر قاتلاملىرىنى ئېنىقلاشتا پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرى پەقەت 250 تۈر. مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى چۈچۈك قولۇلە (تېرېبراتېللا، Terebratella coreanica) ۋە دېڭىز ئۈندۈرمە پۇرچىقى (لىنگۇلا Lingula anatina) لاردىن ئىبارەت.