Uyghur主要词典
بېغىشلىما
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەرلەر، گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئەدەبىي ئۇسلۇب يېزىلىدىغان شېئىر ياكى قىسقا نەسىرلەرنى كۆرسىترىدۇ.
بېغىشلىما ئادەتتە بىر ئەدىب تەرىپىدىن يەنە بىر ئەدىبنىڭ ئەسىرىگە يېزىلىدۇ. ئۆز ئەسىرىگە ئۆزى بېغىشلىما يازىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋال تۇلاراق ئەسىرىنىڭ قايتا نەشىرگە بېرىلىشىدە تولۇقلاش، تەسىرات يۈزسىدىن يېزىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر پائالىيەت، ۋەقە، چوڭ قۇرۇلۇش، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئاتاپ ياكى تەبرىكلەپ يېزىلغان چاقىرى، ئۈمىد ئىپادىلەنگەن كىرىش سۆز ياكى ھەر خىل قوليازما.
يېڭى يىلغا بېغىشلىما.