بەستلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەددى-قامىتى بار، قەددى-قامەتلىك، گەۋدىلىك، قاۋۇل، ئۇستىخانلىق:[مىسال:] يېشىغا نىسبەتەن بەستلىك، يوغان كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان غەيرەت بۇ ئادەمنىڭ تاققا-تۇققا گەپلىرىدىن گۇمانلىنىپ، دادىسىنىڭ كۆزىگە مەنىلىك قاراپ قويدى.